ئىراندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ  قۇيرۇقچىسى «PJAK»قا زەربە بېرىلدى

توقۇنۇشتا ئىراننىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىدىن 3 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

583314
ئىراندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ  قۇيرۇقچىسى «PJAK»قا زەربە بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قۇيرۇقچىسى «PJAK» قا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 12 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىراننىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى خەۋەر ئاگېنتلىقى «Sepahnews»نىڭ خەۋەرىدە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇرۇغلۇق قىسىملىرى قوماندانى مۇھەممەد پاكپۇرنىڭ ئىراننىڭ كەرمانشاھ چېگرا رايونىدا تېررورچىلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ساندا قورال – ياراقلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇھەممەد پاكپۇر: «رايوندىكى نەجەپ قارارگاھى ئىستىخبارات ئەترىتى ئىگىلىگەن ئىستىخباراتقا بىنائەن ئىران قىسىملىرى چېگرادىن سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان بىر گۇرۇپپا تېررورچىلار بىلەن توقۇنۇشتى. توقۇنۇشتا تېررورچىلار پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلاندى» دېدى.

توقۇنۇشتا ئىراننىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىدىن 3 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.  

ئىرانلىق قوماندان ئۆلگەن تېررورچىلارنىڭ يېنىدىن پ ك ك نىڭ كىملىك ھۆججەتلىرىنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر