ئامېرىكا رۇسىيە سەۋەبىدىن سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكتىن سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

582184
ئامېرىكا رۇسىيە سەۋەبىدىن سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي، بۇ قارارنىڭ ئاسان ئېلىنمىغانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئەكسىچە، پۇقرالارنى قەتلى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرمايۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كىرباي سۈرىيەدىكى ئاشقۇن ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جون كىرباينىڭ بۇ سۆزلىرىگە رۇسىيە مەنسەبدېشى مارىيا زاھاروۋا دەرھال جاۋاب قايتۇردى. ئۇ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 9 ماددا بويىچە ئامېرىكا ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن قەدەم تاشلىغانلىقلىرىنى، ئەسلىدە ۋەدىسىنى بويىچە ئىش تۇتمىغانلارنىڭ ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ، بىراق ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا بىلەن ھاسىل قىلغان سۈرىيە كېلىشىملىرىنىڭ «ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى مۈجمەللىك»سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلماي كېلىنىۋاتقان سۈرىيەدە ۋەزىيەتنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ قانداق تەرەققىي قىلىشى ھازىرچە نامەلۇم.

رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەلەب بىلەن ھامادىكى دوختۇرخانىلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىپ كەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ سۈرىيە خەلقى، كۈچلۈك دۆلەتلەر ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق ئۈچ ساھەگە تارقاپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ ئەھۋاللار شىددەتلىك بوران-چاپقۇن كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكىغا تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بومباردىمانلىرىدا ئىدلىبتە ئەل نۇسرا كاتتىۋاشلىرىدىن ئەبۇ فاراج ئۆلدى.

60 ياشلىق فاراج ئۇزۇن مەزگىل مىسىردا تۇرمىدا ياتقاندىن كېيىن سۈرىيەدە تەشكىلاتقا قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر