گىرېتسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى ئاشماقتا

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى نىكولاس كسىداكىس ئاراللاردىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىر قىسىمىنى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە قايتۇرۋېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.

582527
گىرېتسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ئاراللىرىدىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىدى.

گىرېتسىيە ئاراللىرىغا يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە 450 پاناھلانغۇچى يېتىپ بېرىپ، گېرىتسىيەدىكى ئومۇمىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 14 مىڭدىن ئاشتى.

بۇ ئارىلىقتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى نىكولاس كسىداكىس تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاراللاردىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىر قىسىمىنى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە قايتۇرۋېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق گىرېتسىيە ئاراللىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسىرى تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا كېلىپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى ئاشقانسىرى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. مەسىلەن؛ لېسۋوس ئارىلىدا ھازىر 5966 پاناھلانغۇچى تۇرماقتا. ۋەھالەنكى ئارال ئاران دېگەندە 3500 پاناھلانغۇچىنى سىغدۇرالىغۇدەك  ئۇل – ئەسلىھە ئىمكانىيەتىگە ئىگە.

كوس ئارىلىدا بولسا، پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرلەرنىڭ لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى نورمال مەكتەپلەردە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مائارىپ بەلگىلىمىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا سەۋەب بولدى.

بۇ ئارىلىقتا  بۇلغارىيەدە تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلماقتا ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەسىدىكى تەخمىنەن 100 كېلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىم توساقنى 200 كېلومتىرغا چىقىرىشنى ۋە چارلىغۇچى خادىملارنىڭمۇ سانىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر