رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈزۈلگەن «پلۇتۇن» كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى.

581887
رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پلۇتۇننى يوقىتىش بويىچە تۈزۈلگەن كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنى ئىمزالىدى.

قارارنىڭ چىقىرىلىشىغا «شەرتلەردە پەيدا بولغان گەۋدىلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەدە بولۇشى نەتىجىسىدە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا يەنە «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پلۇتۇننى يوقىتىشقا دائىر ئەھدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقى» نىڭمۇ رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2000 – يىلى 29 – ئاۋغۇستتا پلۇتۇن زاپاسلىرىنى قىسقارتىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر