ھىندىستان بىر كەپتەرنى <نازارەت> كە ئالدى

ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدە پۇتىغا باش مىنىستىر نارېندرا مودىغا تەھدىت سېلىنغان بىر پارچە مەكتۇپ باغلانغان بىر كەپتەر قولغا چۈشۈرۈلدى.

581902
ھىندىستان بىر كەپتەرنى <نازارەت> كە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەپتىشى رامېش كۇمار، پاكىستان تەرىپىدىن ئۆتكەن كەپتەرنىڭ چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان چېگرا مۇھاپىزەتچىلىرى بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنە پاكىستان چېگراسىدا ئىككى شارغا ئېسىلغان ئوخشاش مەزمۇندىكى تەھدىت خەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنىدى.

ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ماي ئېيىدىمۇ بىر كەپتەرنى «پاكىستان جاسۇسى» دەپ قاراپ <نازارەت> كە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر