گېرمانىيەدە بىر دوختۇرخانىغا ئوت كەتتى

گېرمانىيەنىڭ بوچۇم شەھىرىدىكى بېرگماننېشېل ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىغا ئوت كېتىپ، 2 كىشى ئۆلدى، 15 كىشى يارىلاندى.

580049
گېرمانىيەدە بىر دوختۇرخانىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوچۇم شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى دوختۇرخانىنىڭ 6 – قەۋىتىدە يۈز بەرگەن، ئارقىدىنلا ئۇلغىيىپ كەتكەن. تېخىچە كونترول ئاستىغا ئېلىنالمىغان ئوت ئۆچۈرۈشكە 200 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قاتناشقان.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلەردە بولغان شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رالف جاگېرنىڭ ئېيتىشىچە، يارىلانغانلاردىن 6 سىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر