ئامېرىكا ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا.

579337
ئامېرىكا ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانتا كرۇز تاغلىرىدىكى ئورمانلىقلاردا 3 كۈن بۇرۇن باشلانغان ئوت ئاپىتى تېخىچە كونترول ئاستىغا ئېلىنالمىدى. ھازىرغىچە 2 مىڭ 250 دۆنۈمدىن ئارتۇق يەر زىيانغا ئۇچرىدى.

نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان ئوت ئاپىتى تۈپەيلى ئەتراپتىكى ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلدى.

رايون خەلقى ۋاقىتلىق مەكتەپلەر، چېركاۋلار ۋە ئاممىۋى مەركەزلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مىڭدىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئەمما ئوت ئاپىتىنىڭ % 10 قىسمىلا كونترول ئاستىغا ئېلىنالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر