ئامېرىكا رۇسىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

579296
ئامېرىكا رۇسىيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋەرگەن ئەھۋالدا بەزى ئاشقۇن ئېقىملارنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ چېگرا سىرتىغا كېڭىيىشى ھەتتا رۇس شەھەرلىرىدىمۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش توغرىسىدا توختىلىۋېتىپ رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋەرگەن ئەھۋالدا ئاشقۇن ئېقىملار سۈرىيەدىكى بۇ ۋەزىيەتنى سۇيىئېستىمال قىلىپ، ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن. شۇبھىسىزكى بۇ، رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن توقونۇشۇپ قېلىشى ھەتتا رۇسىيەنىڭ شەھەرلىرىمۇ بۇ ھۇجۇملارغا دۇچار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋەرگەن ئەھۋالدا، سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇس ئەسكەرلىرىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن كىرباي، «رۇس ئەسكەرلىرى جەسەت خالتىلىرىدا دۆلەتلىرىگە قايتىشى مۇمكىن. رۇسىيە بايلىقلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى كىرباي، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى قاراشلىرىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «مىنىستىر كېررى جاۋابكارلىقنىڭ ھېلىھەم رۇسىيەنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ كېرەكلىك رايونلارغا يەتكۈزۈلۈشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارغا ۋە دوختۇرخانىلارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدىن چوڭقۇر قايغۇرىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان كىرباي، «مىنسىتىر كېررى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيەنى بۇ ئەھۋالنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارايدىغانلىقىنى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى، رۇسىيەنى ھەلەبتىكى ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان،  ئەگەر ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلمىگەن تەقدىردە سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئىككى تەرەپ بەلگىلىمىلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. كېررىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، رۇسىيە ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىپ ھەلەب ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر