كەشمىر ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئۇرۇش بوسۇغىسىغا كەلدى

جاممۇ كەشمىردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئۇرۇش بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدى.

578748
كەشمىر ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئۇرۇش بوسۇغىسىغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىردە 6-ئىيۇلدا ھىزبۇل مۇجاھىت پارتىيەسى قوماندانلىرىدىن بۇرھان ۋانىنىڭ ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە باشلىغان نامايىشلاردا، ھازىرغىچە 106 ئادەم ئۆلدى، 3500 ئادەم يارىلاندى.

 جاممۇ كەشمىردىكى نامايىشلار ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋاملاشماقتا. ۋانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن 11 ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مىڭلارچە كەشمىرلىك قاتناشتى.

ھىندىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، نامايىشچىلارغا ھەققىي ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئىشلەتتى. بىراق بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، نامايىشلار بارغانچە ئۇلغىيىپ كەتتى.

يەرلىك سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشلار ئەسناسىدا 150 كىشى كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان.

كەشمىردىكى نامايىشلار سەۋەبىدىن ھىندىستان-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىمۇ يىرىكلىشىپ كەتتى.

ھىندىستان پاكىستاننى نامايىشچىلارنى قوللاش ۋە رايون خەلقىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسا، پاكىستان ھىندىستاننىڭ  رايون خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە قۇلاق سالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا كەشمىر خەلقى بىلەن بۇرۇنقىدەكلا ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەشمىردە نامايىشلار داۋملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، 18-سېنتەبىردە ھىندىستاننىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى كەشمىرنىڭ ئۇرى رايونىدا بىر  ھەربىي بازىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننى قايتىدىن ئۇرۇشنىڭ بوسۇغۇسىغا ئېلىپ كەلدى.

18 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى. ھەپتە ئاخىرى يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى، ھۇجۇم سەۋەبىدىن پاكىستاننى ئەيىبلەپ، ھىندسىتان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھۇجۇمغا جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مودى ھىندىستاننىڭ پاكىستاننى دۇنيادىن يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مودىنىڭ بۇ باياناتىغا پاكىستان قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مودىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ۋە پاكىستاننى كۈشكۈرتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان بولسا،  ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى كەڭ-كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

ھەربىي دائىرىلەر بۇ ھەربىي مانېۋىرلارنى نورمال ئەھۋال دەپ بايانات بەرگەن بولسىمۇ، پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر