«ۋىزا مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

لىيۇكسېمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېين ئاسېلبورن، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرگە ۋىزىسىز كىرىش بەلگىلىمىسىنىڭ بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

574432
«ۋىزا مەسىلىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسېلبورن گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدە، ۋىزىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىل ئىچىدە كەچۈرۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى 2017 – يىلىنىڭ بېشىدا بىر چارە تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

جېين ئاسېلبورن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپلىرىغا ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتىدە چىڭ تۇرۇشى پۈتكۈل دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

لىيۇكسېمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېين ئاسېلبورن يەنە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتە ياۋروپالىقلارنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ھالدا، «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكى ئىچىدە پەيدا قىلغان جاراھەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى تولۇق مەنىدە تونۇپ يېتەلمىدۇق. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى كوچىلارغا چىققان كىشىلەر ئوخشاشلا دېموكراتىيە ئۈچۈن ئۇ يەرلەردە ئىدى. بۇنى بىر ئاز نەزەردىن ساقىت قىلدۇق» دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر