دالاي لامانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتى خىتاينى غەزەپلەندۈردى

دالاي لاما ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، «مەن سىلەرنى تىبەت مەسىلىسنى كۈنتەرتىپتىن چۈشۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىمەن، مىليونلىغان تىبەتلىكلەر داۋاملىق بىر قورقۇنچ ئىچىدە ياشىماقتا» دېدى.

574289
دالاي لامانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتى خىتاينى غەزەپلەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دالاي لامانىڭ سىتراسبۇرگدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن تەھدىت سالدى.

تىبەتنىڭ روھانىي رەھبىرى دالاي لاما 14 – قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولدى ۋە سىتراسبۇرگدا ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، بۇ زىيارەت دالاي لامانى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بەزى تېگىشلىك جاۋابلارنى قايتۇرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «خىتاي بۇ زىيارەتكە قەتئىي قاراپ تۇرالمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈتكەنلىرىمىز ئاساسىدا تەدبىرلىرىمىزنى يولغا قويىمىز» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «ئەگەر دالاي لاما سىتراسبۇرگدا قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولغان ئىدى.

دالاي لاما سىتراسبۇرگدا ياۋروپا سىياسەتچىلىرىنى تىبەت بۇددىزمى ئەزالىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرىق قىلدى.

دالاي لاما ياۋروپا پارلامېنتىداقىلغان سۆزىدە، «مەن سىلەرنى تىبەت مەسىلىسنى كۈنتەرتىپتىن چۈشۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىمەن، مىليونلىغان تىبەتلىكلەر داۋاملىق بىر قورقۇنچ ئىچىدە ياشىماقتا» دېدى.

دالاي لاما يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىبەتلىكلەرنى خىتاي زۇلۇمىدىن قوغدىشى كېرەكلىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر