شىمالىي كورېيە ئۈچ دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىدىن 3 دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

565427
شىمالىي كورېيە ئۈچ دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ خۋاڭجۇ شەھىرىدىن 3 دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بومبىلارنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىغا چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا يەنە، مەزكۇر بومبىلارنىڭ رودوڭ تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق بومبىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىساد رايونىغا چۈشكەن بومبىلار، توكيونىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىدى؛ ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «نۆۋەتتە تەپسىلاتلارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز. لېكىن بۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىز ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتتۇر. چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى جەريانىدا ئۆزئارا ئۇچراشقان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پارك گېئۇن بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې، ۋەقەنى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

شىمالىي كورېيە، 24 – ئاۋغۇستتا بىر سۇ ئاستى پاراخوتىدىن 500 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارىدىغان بىر دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر