تۈركىيە ئارمىيەسى جەرابلۇستىن كېيىن چوبانبەگ رايونىغا كىردى

تۈركىيە ئارمىيەسى «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن جەرابلۇستىن كېيىن سۈرىيەنىڭ چوبانبەگ ناھىيەسىگە كىردى.

564615
تۈركىيە ئارمىيەسى جەرابلۇستىن كېيىن چوبانبەگ رايونىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىسنىڭ ئەلبەيلى ناھىيەسىدىن ئۆتكەن تۈركىيە قىسىملىرى پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئالدى.

بۇ ئارىلىقتا،  «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررور نىشانلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەبكە قاراشلىق چوبانبەگ ناھىيەسىدە بىر لىنىيە ئاچتى.

ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىنغان چوبانبەگ ناھىيەسىنى مەركەز قىلىپ ئىشلەتكەن ئۆكتىچى كۈچلەر بۇ يەردىن شەرق ۋە جەنۇبتىكى تېررور نىشانلىرىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررور تەھدىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، چېگرا مۇداپىيەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇست كۈنى باشلاتقان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى جەرابلۇستىن سىرت يەنە، غەربتىكى چوبانبەگ ناھىيە مەركىزىدىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈركىيە چېگراسىنى بويلاپ، بەزى يېزا – قىشلاقلارنى كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.

ئۆكتىچىلەر فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جەرابلۇسنىڭ جەنۇبىدا سۇجۇ ئويمانلىقىغىچە بولغان رايوننى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش ۋە پ ي د / پ ك ك دىن ئازاد قىلغانىدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ قارىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئەزىز – جەرابلۇس لىنىيەسىنىڭ تېررور ئۇنسۇرلىرىدىن  تازىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان 271 نىشان «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق 1195 قېتىم بومبىلاندى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولسا 24 – ئاۋغۇستتىن تارتىپ ھازىرغىچە 271 نىشان 1195 قېتىم بومبىلاندى.

بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 41 نىشاننى 51 قېتىم بومباردىمان قىلدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا كۇندۇرىياھ رايونىنى تېررور ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلىدى.

تىلالەين رايونىدا بولسا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان دائېشنىڭ ئىككى بازىسىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر