ياپونىيەدە يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە بىر ساناتورىيەدە 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ياپونىيەنىڭ ئىۋاتە رايونىدا تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە بىر ساناتورىيەدە 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى 2011 – يىلقى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان شىمالىي رايونلارغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.
ۋەقەدە توك لىنىيەلىرى زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە توكسىز قالدى.
رايوندا 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رايوندا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
سۇ بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ھوككايدو ئارىلى ئەتراپىدا دولقۇنلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ 7 مېتىردىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

نىيۇ يوركتا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

باغدادتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 20 كىشى يارىلاندى.