بايدىن: ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۈچۈن تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورايمەن، كاشكى بۇرۇنراق تۈركىيەگە كەلسەمچۇ

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋاشىنگتوننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

559288
بايدىن: ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۈچۈن تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورايمەن، كاشكى بۇرۇنراق تۈركىيەگە كەلسەمچۇ

كېيىنلا تۈركىيەگە كەلمىگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىزنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. بىز ھەمىشە سىز تەرەپتە تۇرىمىز. ئامېرىكا خەلقى سىز تەرەپتە. ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەن ھامان تۇنجى قېتىم سىزگە تېلېفون قىلغان رەھبەر باراك ئوباما ئىدى. تۈركىيە دۇچ كەلگەن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارىتا تېگىشلىك پوزىتسىيە بىلدۈرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆزۈم بىۋاسىتە كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن.  كاشكى، بۇرۇنراق تۈركىيەدە زىيارەتتە بولسامچۇ!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر