باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى دائېشنى يوقىتىشنى نىشان قىلىدۇ

تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەگە قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ جەرابلۇسنى دائېشتىن تازىلاشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

558566
باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى دائېشنى يوقىتىشنى نىشان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق جەرابلۇس رايونىنى دائېشتىن تازىلاش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.»

ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئىككى ھەپتە يەنى 15 كۈن داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ جەرياندا دائېش ئۇنسۇرلىرىنىڭ جەرابلۇستىن چىقىرىلىشى ۋە رەققەگە چېكىنىشى نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر