خىتايدا يەنە بىر گېنېرال ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

خىتاي گېنېرالىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ، ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ئارىسىدا كۆرۈلگەن 3 – قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە بىلدۈرۈلدى.

557407
خىتايدا يەنە بىر گېنېرال ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 3 گېنېرال ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

«South China Morning Post» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گېنېنرالى چەن جىنىڭ 5 - ئاۋغۇستتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، بىراق جەسىتىنىڭ 19 – ئاۋغۇستتا شېنجىندىكى ھەربىي گازارمىدىن تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«South China Morning Post» گېزىتى خەۋىردە يەنە، گېنېرالنىڭ ئۇيقۇ دورىسىنى كۆپ يېۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى، تېخى ئەمدىلا 54 ياشقا كىرگەن گېنېرال چەن جىنىڭ 1997 – يىلى خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ ھەممىگە تونۇلغان كىشى ئىكەنلىكىنى، مەرتىۋىسى تېز سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، ئاخىرقى مەزگىلدە سىياسىي كومېسسار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى يازدى. 

خەۋەردە يەنە، بۇ ۋەقەنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ئارىسىدا كۆرۈلگەن 3 – قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ قويۇقلاشقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئىچىدىكى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش تەكشۈرۈشلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرمەكتە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر