كالىفورنىيە دالا ئوت ئاپىتى بىلەن ئېلىشماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى قىسمەن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.
556060
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەمما، ھېلىھەم بەزى جايلاردا ئوت يالقۇنى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممىلا نەرسىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ ئىلگىرىلمەكتە؛ ھازىرغىچە 100 گە يېقىن ئۆي – ماكان كۈلگە ئايلاندى.
بەزى جايلاردا ئوت ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلمىدى.
كالىفورنىيەدىكى قۇرغاقچىلىق دالالارنىڭ تۇتۇرۇقتەكلا كۆيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.