چاۋۇشئوغلۇ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

555204
چاۋۇشئوغلۇ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇشما سۋارا بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە باشقا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش پىلان لايىھەسى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

 دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر