ماكېدونىيە: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋاپادارلىق بۇرچىمىز

ماكېدونىيە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى بەھىجۇددىن شەھابى تۈركىيەنىڭ ماكېدونىيەگە شەرتسىز ھالدا دوستلۇق قولىنى سۇنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ماكېدونىيەنىڭ ۋاپا بۇرچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

554726
ماكېدونىيە: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋاپادارلىق بۇرچىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھابى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرۇلۇق توختالغاندا، ماكېدونىيەنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئاتلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇيرۇقچىلىرىنىڭ بالقان رايونىنى گويا بىر قارارگاھقا ئوخشاش ئىشلەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ماكېدونىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبى، ماكېدونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ يۈسەك بولۇشى بولۇپ، بۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ماكېدونىيەگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، ئۇلارغىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەرمىگەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر