ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزېدېنتى بايدىن تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئاقساراي ئامېرىكا پىرىزېدېنتى جو بايدىننىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

551351
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزېدېنتى بايدىن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرىزېدېنتى جو بايدىن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بايدىننىڭ 22-ئاۋغۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە لېتونىيە، تۈركىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «جو بايدىن ئەنقەرەدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدۇ.»

بايدىننىڭ لېتونىيە ۋە شىۋېتسىيە زىيارەتلىرىدىمۇ ئالىي دەرىجىلىكلەر رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر