ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى جايلاشقان قورۇدا 5 تېرورىست قولغا ئېلىندى
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننى قوللىغان 5 تېرورىست بىخەتەر تاملاردىن ئاتلاپ كىرگەن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى جايلاشقان قورۇدا قولغا ئېلىندى.
550520
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى مىشېل زاچچونىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تەخمىنەن 100 قوللىغۇچىسى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇللاھ ئۆجەلاننى قوللاپ شوئار توۋلاشقا باشلىغان. نامايىشقا قاتناشقانلاردىن 5 كىشى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىمۇ جايلاشقان قورۇنىڭ بىخەتەر تېمىدىن ئاتلاپ ئىچكىرى كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ب د ت ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ۋەقەدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن.