يەرمۇك دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق كۆيۈپ كەتتى

يەرمۇك دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 11 بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا بوۋاق يارىلاندى.

548942
يەرمۇك دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق كۆيۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى يەرمۇك دوختۇرخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 11 بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەد ئەررەدىينى، «يەرمۇك دوختۇرخانىسىنىڭ توغۇت بۆلۈمىدىكى ئېلېكتىر يولىدا كۆرۈلگەن كاشىلا سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە بۆلۈمدە كۈزىتىلىۋاتقان 11 بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 ى يارىلاندى» دېدى.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رەدىينى، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بۆلۈمدىكى 28 ئايال بىلەن 7 بوۋاقنىڭ قۇتۇلدۇرىۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر