ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىش ھۆججىتى ماقۇللاندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا زور مىقداردا قورال سېتىپ بېرىش ھۆججىتىنى ماقۇللىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

549061
ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىش ھۆججىتى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا 1 مىليارد 150 مىليون دوللار قىممىتىدە تانكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللارنى سېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى ھۆججەتنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا،سەئۇدى ئەرەبىستانغا 130 دىن ئارتۇق تانكا بىلەن 20 بىرونىۋىك قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، كۆپ ساندا ئاپتوماتىك قورال ۋە بىر قاتار ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 1 مىليارد 150 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال – ياراغنى سېتىپ بېرىش قارارى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ماقۇللانغان.

رايون خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك بىر شېرىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگىمۇ ھەسسە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مەزكۇر باياناتتا، قورال سېتىپ بېرىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى بىلەن ئورتاق خىزمەت قىلىش ساھەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىن ۋاقىپلاندۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە سېتىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر قوراللار ۋە قوللاشنىڭ رايوندىكى ئاساسىي ھەربىي مۇۋازىنەتنى ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىش قارارىغا 30 كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر