كۇئېتتادىكى قانلىق پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

پاكىستاننىڭ كۇئېتتا (كۇۋەيتا) شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70 تىن ئېشىپ كەتتى.

548078
كۇئېتتادىكى قانلىق پارتلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 70 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، 112 ئادەم يارىلانغان كۇئېتتادىكى پارتلاش، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر ئادۋوكات دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەيدانغا كەلگەنىدى.

پارتلاشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلانغان ئادۋوكاتنى يوقلاپ كەلگەن ئادۋوكاتلار ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

ساقچىلار، پارتلاشنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى؛ ئۇ، بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر