گېرمانىيە ئەردوغان-پۇتىن ئۇچرىشىشىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشىدىن مەمنۇننلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

547952
گېرمانىيە ئەردوغان-پۇتىن ئۇچرىشىشىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ساۋسان چېبلى فېدېراتسىيە ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە: «بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا قايتا يېقىنلىشىشنىڭ بولۇشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ» دېدى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنلىشىشى ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ ئىچىدىكى خەۋپسىزلىك شېرىكچىلىككە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ناتو ئىچىدە مۇھىم ھەمراھ سۈپىتىدە تۇرماقتا» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر