فىرانسىيەدە نامەلۇم كىشىلەر بىر جامەگە ئوت قويۇپ بېرىشقا ئۇرۇندى

جامەنىڭ ئەينەكلىرى چىقىلدى، ئېتىلغان مولوتوف (بىنزىن قاچىلانغان شىشە) سەۋەبىدىن جامەنىڭ ئالدى تەرىپى كۆيۈپ كەتتى. ساقچىلار ۋەقەنى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلىدى.

548593
فىرانسىيەدە نامەلۇم كىشىلەر بىر جامەگە ئوت قويۇپ بېرىشقا ئۇرۇندى
fransa cami saldırı.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىراسىيەنىڭ مونتېلىمار شەھىرىدە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تۈرك ئىسلام بىرلىكىگە تەۋە تۈرك كۈلتۈر جەمئىيىتى بىناسى ۋە جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقىسى يۈز بەردى.

كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر جامەگە ۋە جەمئىيەت بىناسىغا مولوتوف (بىنزىن قاچىلانغان شىشە) ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا جامە ۋە جەمئىيەت بىناسى ماددىي زىيانغا ئۇچرىدى.

جامەنىڭ ئەينەكلىرى چىقىلدى، ئېتىلغان مولوتوف (بىنزىن قاچىلانغان شىشە) سەۋەبىدىن جامەنىڭ ئالدى تەرىپى كۆيۈپ كەتتى. ساقچىلار ۋەقەنى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش باشلىدى.

جامەنىڭ تېمىغا تېرررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قىسقارتىلما ئىسمى يېزىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ساقچى مەسئۇللىرى، بىنانىڭ بىخەتەرلىك كامارالىرى بىلەن قوغدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر