فىرانسىيە ئىزدەۋاتقان گۇماندارنى يەنە تۈركىيە قولغا چۈشۈردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بۇلتۇر سىياسىي ھەجۋىي ژۇرنىلى  Charlie Hebdo غا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بىر كىشى تۈركىيەدە قولغا چۈشتى.

548554
فىرانسىيە ئىزدەۋاتقان گۇماندارنى يەنە تۈركىيە قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سېپىگە قېتىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا تۈركىيەدە قولغا ئېلىندى. تۈركىيە دائىرىلىرى پارىژ ۋە بىريۇسسېلدىكى ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغان دائېشچىلارنىڭ بىر قىسمىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن بىرقانچە ئاي بۇرۇن تۇتۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى. بىراق بۇ تېرورىستلار فىرانسىيە ۋە بېلگىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن، بۇ مەزكۇر تېرورىستلارنىڭ قانلىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر