پۇتىن، رۇھانى ۋە ئىلھام ئەلىيېۋ باكۇدا ئۇچرىشىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەتە باكۇدا چاقىرىلىدىغان ئۈچ تەرەپ پىرېزىدېنتلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

546800
پۇتىن، رۇھانى ۋە ئىلھام ئەلىيېۋ باكۇدا ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ تەرەپ يىغىنىدا، رەھبەرلەر ئېنېرگىيە ۋە قاتناش پىلان – لايىھەلىرى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋتلەر، خەۋپسىزلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

لىدېرلار يەنە، بۇ يىل ئاستانەدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان بەش تەرەپ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى، ھازارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىنالمىغان نۇقتىلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر