تۈركىيە فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكىغا نۇرغۇن ھۆججەت ئەۋەتتى

تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكىغا نۇرغۇن ھۆججەت ئەۋەتتى.

545474
تۈركىيە فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكىغا نۇرغۇن ھۆججەت ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئەنقەرە ۋاشىنگىتونغا ئەۋەتكەن كۆپ ساندىكى ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى تەشكىللىگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، تۈركىيە ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن كۆپ ساندىكى ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيە تەرەپ ئەۋەتكەن بۇ ھۆججەتلەرنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش شەرىتىگە توشۇپ توشمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ ئىلگىرى تۈركىيەدىن ناھايىتى كۆپ  ھۆججەتلەر كەلگەنىدى، بىراق بۇ ھۆججەتلەرنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقىنى تۈركىيە دائىرىلىرىگە بىلدۈرگەنىدى، كېيىن تۈركىيە تەرەپ يېڭى ھۆججەتلەرنى ئەۋەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر