خىتاي ئاۋستىرالىيەگە تەھدىت سالدى

خىتاي كوممىنىست پارتىيەسىگە تەۋە يەر شارى ۋاقىت ژۇرنلىدا ئاۋستىرالىيە توغرۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

544205
خىتاي ئاۋستىرالىيەگە تەھدىت سالدى

خىتاي كوممىنىست پارتىيەسىنىڭ رەسمىي گېزىتى ھېسابلىنىدىغان خەلقنىڭ كۈندىلىك گېزىتىگە تەۋە يەر شارى ۋاقىت ژۇرنىلىدا «ئاۋىستىرالىيە قەغەز مۈشۈكتۇر» دېگەن ئىبارە ئورۇن ئالغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ماقالىدە ئاۋىستىرالىيەگە ئۇرۇش ئېچىش بىلەن تەھدىت سېلىندى.

يەر شارى ۋاقىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە ئاۋستىرالىيەنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سالاھىيىتى تەنقىد قىلىندى.

ماقالىدە «ئاۋستىرالىيە دەسلەپ بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ چەت ئەلدىكى تۇرمىسى ئىدى، ئارقىدىن مۇستەملىكىسى بولدى. بۇ دۆلەت مەدەنىيەتسىز ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، نومۇس قىلارلىق بىر ئۆتمۈشى  باردۇر، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ قان ۋە كۆز ياشلىرى ئۈستىگە بەرپا  قىلىنغان» دېيىلدى.

بۇ ماقالىدە ئاۋسىتىرالىيەگە ئوچۇقتىن ئوچۇق تەھدىت سېلىنىدىغان بولۇپ، ئاۋسىتىرالىيە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كىرسە، خىتاي ئۈچۈن ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ.

خىتاي شاڭخەي گېزىتى بولسا 2015-يىلى ئاۋستىرالىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئايروپىلاننىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن «جۇڭگو زېمىنى»دەپ بېكتىلگەن چېگراغا كىرگەنلىكىنى يازغانىدى.

بۇ يىل 12-ئىيۇلدا لاھەيدىكى كېسىم مەھكىمىسى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايونلاردا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۇ ئارالنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر