ئەسەد كۈچلىرى ھەلەبكە ۋارىل بومبىسى تاشلىدى

سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھەلەبنىڭ ئەنسارى بازىرىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا ۋارىل بومبىسى تاشلىدى.

542240
ئەسەد كۈچلىرى ھەلەبكە ۋارىل بومبىسى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھەلەبنىڭ ئەنسارى بازىرىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا ۋارىل بومبىسى تاشلاپ، بالىلار ۋە ئاياللار قوشۇلۇپ جەمئىي 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 30 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھۇجۇمدا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى نۇرغۇن ئۆي – ماكان، دۇكان ۋە ئاپتوموبىلغا ئوت كەتتى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتى كۈچلىرى 4 يىلدىن بۇيان ھەلەبنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايرلىرىغا سكۇد، ۋاكۇئۇم ۋە شاراپنېل بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھۇجۇملار سەۋەبىدىن شەھەرنىڭ ئۇست قۇرۇلمىسى ۋەيران بولدى، يوللار پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر