كۆپلىگەن دۆلەتلەردە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى بوسىنىيە – گىرېتسىگوۋېنا ۋە فىرانسىيەدىكى نامايىشلارغا نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

541070
كۆپلىگەن دۆلەتلەردە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە
paris fetö protesto.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى خائىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا خەلقئارادىن نارازىلىقلار يېغىشقا باشلىدى.

بوسىنىيە – گىرېتسىگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايىۋودا مىڭلىغان كىشى «تىك تۇر ئېگىلمە، سەن بىلەن بىرگە بوسنىيە» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان ھالدا مىللىي ئىرادە نۆۋىتىدە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 

تۈركىيە – بوسىنىيە سودا سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە بوسىنىيە – گىرېتسىگوۋېنادا پائالىيەت  قىلىۋاتقان ئونلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللاپ - قۈۋۋەتلىشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان نامايىشچىلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىچىشلار، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئورگانلىرى ئارقىلىق بالقانلاردىكى تۈركلەرنى ئىنتايىن بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوسىنىيە – گىرېتسىگوۋېنادىكى تۈركىيە پۇقرالىرىدىن باشقا يەنە بوسنىيەنىڭ ھەر قايسى ئىدارە - ئورگان مەسئۇللىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ئاكادېمىكلەرمۇ قاتناشقان نامايىشتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى نەخ مەيداندىن كۆرسىتىلدى.

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىمۇ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەمرە قادىئوغلۇ بىلەن پارىژدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇسلۇم ئايگۈنمۇ قوللاپ ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتتە، مۇستەقىل سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ پارىژ شۆبىسى باشلىقى ھاقان كالايچى، كۆپچىلىك نامىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىگەن دوكلاتنى ئوقىدى.

كالايجى، قورال كۈچى ۋە ئىددىيە بۇرمۇلاشقا تايىنىپ، ئىنسانلارنى قورقۇتماقچى بولغان ھەربىي ئىسياننىڭ  تۈركىيە خەلقىنىڭ جاسارىتى ۋە ئېگىلمەس ئىرادىسى سايىسىدە مەغلۇپ قىلىنغانلىقىنى ھەمدە بۇ تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ دېموكراتىيەگە، كىشىلىك ھەق – ھوقۇققا ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت تۈزىمىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كالايجى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۈركىيە خەلقىنىڭ پارتىيە مەنسۇبىيەتلىرىنى، سىياسىي پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى، ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە بىر پۈتۈن خەلق بولغان ھالدا كوچىلارغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىك بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن كالايجى، «دېموكراتىيەگە زىت ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلارنىڭ قانۇن دائىرىسىدە سوت قىلىنىپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر