ئامېرىكىنىڭ 15– ئىيۇل كېچىدىكى تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) نىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

540246
ئامېرىكىنىڭ 15– ئىيۇل كېچىدىكى تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل كېچىسىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بارلىقى ھەققىدە قىلىنىۋاتقان بەزى ئانالىزلارغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ: «تۈركىيە بىز ئۈچۈن ئىتتىپاقداش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دوست دۆلەتتۇر» دېدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رولىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر