ئوباما: تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقىمىز يالغان
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما «تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقانلىقىمىز توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققان مىش – مىش گەپلەر پۈتۈنلەي يالغان، دېموكراتىيەگە خىرىس قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇرۇنۇشنى رەت قىلىمىز» دېدى.
535517
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى قانۇنغا ماس ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇ ھەقتە قارار بەرگۈچى مەن ئەمەس» دېدى.