ئامېرىكا: تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

533293
ئامېرىكا: تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگوندىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كارتېرنىڭ فىكرى ئىشىققا ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكى؛ مىنىستىر ئىشىقنىڭمۇ، تۈركىيەنىڭ دائېش ۋە ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي ۋە ئەستايىدىل بىر شېرىك ۋە ئىتتىپاقداش بولۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە ئورۇن بېرىلدى. باياناتتا يەنە، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىنجىرلىك بازىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىشىقنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكە ئىشتىراك قىلىۋاتقان بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئامېرىكىدا چاقىرىدىغان يىغىنىغا ئۆزىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، كارتېر بىلەن ئىشىقنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر