«تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەستنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس»
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بان كىمون تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىنى لەنەتلىدى ھەم قاتتىق ئەيىبلىدى.
530738
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بان كىمون بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەدىكى ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەستنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى، ۋەزىيەتنى دېموكراتىك پىرىپسىپلار، قانۇن – بەلگىلىمىلەر ۋە تىنچ يول بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.