فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن مارك ئايرالت فىرانسىيە ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
529377
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايرالت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان فىرانسىيە مىللىي بايرىمى كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە فىرانسىيە ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.