بولىۋىيەدە ساقچىلار بىلەن يېزا خەلقى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ساقچىلار يولنى توسۇۋالغان تەخمىنەن 700 گە يېقىن يېزا پۇقرالىرىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

527652
بولىۋىيەدە ساقچىلار بىلەن يېزا خەلقى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بىرسى بولغان بولىۋىيەدە ساقچىلار بىلەن يېزا خەلقى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 10 كىشى يارىدار بولدى ۋە 29 نەپەر يېزا پۇقراسى قولغا ئېلىندى.

بولىۋىيەدە يېزا خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن تالاش - تارتىشى كىرزىسكە سەۋەب بولدى.

كولومى يېزىسى پۇقرالىرى يېزا تىرېتورىيەسى ئىچىدە بىلىق بازىرى قۇرغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋىللا تۇنېرى يېزىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كوكابامبا ۋە سانتا كىرۇز شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يولنى تاقاپ قويدى.

ساقچىلار يولنى توسۇۋالغان تەخمىنەن 700 گە يېقىن يېزا پۇقرالىرىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

يېزا پۇقرالىرى ساقچىلارغا تاش - چالما ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. تۇقۇنۇش ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى.

كولومى ۋە ۋىللا تۇنېرى يېزىسىنىڭ باشلىقلىرى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كولومى يېزىسى پۇقرالىرى يولنى توسۇش نامايىشىنى ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر