خىتايدا ئارقىمۇ - ئارقىدىن تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرمەكتە

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، 1 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ باشقا رايونلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ 48 مىليارد يۇئەن (يەنى، تەخمىنەن 7 مىليارد 18 مىليون دوللار)دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

525102
خىتايدا ئارقىمۇ - ئارقىدىن تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىن تارتىپ زور تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يامغۇر سەل ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

رەسمىي مەنبەرلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، سەل ئاپەتىلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 140 كە يەتكەن.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمىدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردە، ئۆلگەنلەردىن باشقا يەنە 41 كىشىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، 1 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ باشقا رايونلارغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ 48 مىليارد يۇئەن (يەنى، تەخمىنەن 7 مىليارد 18 مىليون دوللار)دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى. 


خەتكۈچ: #ختاي , #ئاپەت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر