رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

521414
رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىسپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى 2017 – يىلى 31- دېكابىرغىچە ئۇزارتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرنى قوللىشىدىن كېيىن رۇسىيەگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا بۇ ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر