دائېش بۇ قېتىم يەمەننى قانغا بويىدى

ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان يەمەندە دائېش بىر كۈن ئىچىدىلا 5 ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

519536
دائېش بۇ قېتىم يەمەننى قانغا بويىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 ئايدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان يەمەندە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىر كۈن ئىچىدىلا 5 ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى.

ھۇجۇملاردا ئەسكەرلەردىن باشقا نەق مەيدانىدىكى ئايال ۋە بالىلار بولۇپ كەم دېگەندىمۇ 42 ئادەم ئۆلدى.

بۇ ھۇجۇملار بىر يىلدىن بۇيان ئەل-قائىدە تەرىپىدىن تىزگىنلىۋېلىنغان يەمەننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان مۇقاللا شەھىرىدە يۈز بەردى. ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىدا كونترول ئېغىزلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇنجى قېتىملىق ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۈستىگە بومبا تېڭىۋالغان موتوسىكلىتلىق بىرى ئەسكەرلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ «بىرلىكتە تاماق يەيلىمۇ؟»دېگەندىن كېينلا ئۈستىدىكى بومبىلارنى پارتىلاتقان.

شەھەردىكى يەنە بىر كونترول ئېغىزىدا ئىككى ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئەسكەرلەرگە يېقىنلىشىپ ئۈستىدىكى بومبىلارنى پارتىلاتقان.

بۇ ھۇجۇملار يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئىككى زورۋان ھەربىي بازىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر