مېكسىكىدا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مېكسىكىدا ئون مىڭلارچە كىشى جەنۇبتىكى گىيوررو ئىشتاتىدا 2014-يىلى يوقاپ كەتكەن 43 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

519004
مېكسىكىدا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا ئون مىڭلارچە كىشى جەنۇبتىكى گىيوررو ئىشتاتىدا 2014-يىلى يوقاپ كەتكەن 43 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرىكى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان ئون مىڭلارچە كىشى، مېكسىكا پىرىزېدېنتى ئېنرىك پېنا نىيتونى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىپ، ئىسلاھات تەلەپلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

نامايىشچىلار يەرلىك ۋە فېدراتسىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئوكاكا ئىشتاتىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قانلىق باستۇرۇشىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يۈزلەرچە ئەزاسى، مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەندە، ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلدى، ئاقىۋەت 8 ئوقۇتقۇچى ئۆلدى.

نامايىشنىڭ بېشىدا ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەسئۇللار، فېدراتسىيە ساقچى خادىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان فوتو-سۈرەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن قاتتىق نارازىلىققا دۇچ كەلدى.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بېسىم سىياسىتى ۋە ئوقۇش راسخوتلىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دەرسلەرنى بايقۇت قىلدى.

گىيورروگە قاراشلىق ئىگۇلا شەھىرىدە بۇلتۇر 26-سېنتەبىردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ساقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 6 كىشى ئۆلۈپ، 25 كىشى يارىلاندى. توقۇنۇشلاردىن كېيىن 43 ئوقۇغۇچى مەجبۇرىي ماشىنىلارغا چىقىرىلغان ئەسناد ۋىدىئو ئېلىندى.

مېكسىكىدا قاتتىق غەزەپكە سەۋەب بولۇپ، نامايىشلارنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ۋەقەدىن كېيىن شەھەردىن قاچقان سابىق ئىگۇلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى لىيۇس ئابراكا بىلەن رەپىقىسى مارىيا دې لوس ئانگېلېس پىنېدا،  بۇلتۇر 4-نويابىردا قولغا چۈشۈپ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەشكىللىك جىنايەت ، جىنايەت ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ گۇرۇھلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى كوكۇلادىكى ئەخلەت مەيدانىدا كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تەيىنلگەنگەن خەلقئارا مۇتەخەسسلەر بولسا ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سىنارىيەنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدە ئېغىر مەسىلىلەر بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى، مۇتەخەسسىلەر ئىنسان بەدىنىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان دەرىجىدە ئوتنىڭ ئەخلەتخانىدا كۆيدۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر