لىۋاندا ئارقا - ئارقىدىن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئەلقائە رايونىدا 4 ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى.

518993
لىۋاندا ئارقا - ئارقىدىن ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى ئەلقائە بازىرى ۋە تاموژنا ئېغىزى ئەتراپىدا ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن 4 ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 6 ئادەم ئۆلدى، 13 ئادەم يارىلاندى.

ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر بىر ھۇجۇمنىڭ ئارىسىدا 10 مىنۇتتىن ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى ھەمرا يولىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر