كلىنتون ترامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدىن ئىلگىرى ھىلارى كلىنتون جۇمھۇرىيەتچى رەقىبى دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

515872
كلىنتون ترامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى ھىلارى كىلىنتون ئوھايو ئىشتاتىنىڭ كولومبۇس شەھىرىدە قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سۆز قىلىپ، ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تەقدىردە دۆلەت ئىقتىسادىنى چېكىندۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، دونالد ترامپنىڭ بايلارنى ۋە شىركەتلەرنى نەزەردە تۇتىدىغاان باجنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىلىرىگىمۇ قارشى چىقتى.

ترامپنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان 120 مىليون ئائىلىنىڭ ئورنىغا ئەڭ باي 120 مىڭ ئامېرىكىلىق ئائىلىگە باجنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كلىنتون، بۇنىڭ كىرىمنى تەڭشەشتىكى تەڭسىزلىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ترامپنىڭ باج باياناتىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشمىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى بۇنى بىلىش ھوقۇقى بار» دېدى.

دونالد ترامپ بولسا كلىنتوننىڭ بىر مەسىلىدىكى پىكرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «قەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ھازىرقى بايلىقىمغا قەرز ئېلىش ئارقىلىق ئىگە بولدۇم. لېكىن، قەرز بۇ دۆلەت ئۈچۈن بىر پاجىئەدۇر. ئوباما دۆلەتنىڭ قەرز يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقاندا، ھىلارى پەقەت بۇنىڭغا قاراپلا تۇردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر