ب د ت سۈرىيەگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەگە 50 ماشىنىلىق ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.
514354
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى ۋاستىسى بىلەن ئەسەد قىسىملىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي گۇتا رايونىغا 50ماشىنا ياردەم بۇيۇمى ئەۋەتتى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئاستىدا رايونغا ئېلىپ كېلىنگەن ياردەم بۇيۇملىرى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى.
تازىلىق ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرى شۇنداقلا ئوزۇق-تۈلۈكتىن تەشكىل تاپقان ياردەم بۇيۇملىرى25000 كىشىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.