باڭلادېشتا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىندى

باڭلادېش ساقچىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشلىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

509579
باڭلادېشتا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئاز سانلىقلار بىلەن زىيالىي قاتلامغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە باشلىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 5 مېڭدىن ئېشىپ كەتتى.

باڭلادېشتىكى 2013 – يىلى باشلىنىپ يېقىنقى مەزگىللەردە ئەۋجىگە چىققان ھۇجۇملار ساقچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

ئاخىرقى قېتىم ئاشرام ئىبادەتخانىسىدا ئىشلەيدىغان ھىندۇ دىنىدىكى بىر ئىشچىنىڭ ئۆلۈكىنىڭ تېپىلىشىدىن كېيىن باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە پەقەت جۈمە كۈنى بىر كۈن ئىچىدە 900 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ساقچى تارماقلىرى، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە چېتىشلىق بارلىق تۈگۈنلەرنى يېشىش ئۈچۈن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

باڭلادېش مىقياسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

باڭلادېشتا يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە لائىك (سېكولار) تور يازغۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، چەت ئەللىك ياردەم بەرگۈچى خادىملار، دىنىي ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر ۋە قوش جىنىسلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىغۇچىلار بولۇپ 40 كىشى ھەر خىل ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بەزىلىرى دائېش ۋە ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر