دائېش مۇنبىچتا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق قىسىملار تۈنۈگۈن سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېشنىڭ بازىلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن جەمئىي 34 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

507832
دائېش مۇنبىچتا ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سۈرىيە ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى قوشۇنىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىن مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە مۇنبىچنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 3 كېلومېتىرلىق رايوننىمۇ تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر چۇك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇنبىچ شەھىرىنى دائېشنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

پېتېر چۇك سۈرىيە ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ مۇنبىچ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 3 كېلومېتىرلىق رايوننىمۇ دائېشتىن قۇتقازغانلىقىنى، جەنۇپتا بولسا، 6 كېومېتىرلىق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائېشنىڭ بۇنىڭغا قارشى مۇداپىئە لىنىيەسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

پېتېر چۇك يەنە مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ 12 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇلارنى قوشقاندا مۇنبىچ ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى سانىنىڭ 127 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئارمىيە مەركىزىي قۇماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق قىسىملارنىڭ تۈنۈگۈن سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن دائېشنىڭ بازىلىرىغا جەمئىي 34 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھاۋادىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا دائېشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل، تاكتېكا ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇرۇش بازىلىرىنىڭ بىت – چىت قىلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر