ئامېرىكا تەييارلىق سايلاملىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى

ئامېرىكادا «خاسىيەتلىك سەيشەنبە» دەپ ئاتىلىدىغان سايلاملاردا، كالىفورنىيە، مونتانا، نىيۇ جېرسى، يېڭى مېكسىكا، شىمالىي داكوتا ۋە جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتلىرىدا تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

506413
ئامېرىكا تەييارلىق سايلاملىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولىدۇ دەپ قارالغان ئەزاسى دونالد تىرامپ، بەش ئىشتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا غەلىبە قىلدى. دېموكراتلارنىڭ نامزات نامزاتى ھىلارى كلىنتون بولسا، پىرېزىدېنت نامزاتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ۋەكىل سانىغا ئاللىبۇرۇن ئېرىشىپ بولغان ئىدى. ھىلارى كلىنتون «خاسىيەتلىك سەيشەنبە» سايلاملىرىدا، ھازىرغىچە ئالتە ئىشتاتتىن ئۈچىدە غەلىبە قىلدى. رەقىبى ساندېرس سايلامنىڭ ئاخىرىغىچە رىقابەتتىن چېكىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەييارلىق سايلاملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 14 – ئىيۇن پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىراق، ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا ئېنىق بېكىتىلىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر