ئۇكرائىنا: ساۋچېنكونى ئالغاندەك دونباس ۋە قىرىمنىمۇ قايتۇرۇپ ئالىمىز

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، رۇسىيەدە قاماقتا يېتىۋاتقان نادېژدا ساۋچېنكونى ئالغاندەك دونباس ۋە قىرىمنىمۇ قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

497876
ئۇكرائىنا: ساۋچېنكونى ئالغاندەك دونباس ۋە قىرىمنىمۇ قايتۇرۇپ ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن 2014 – يىلى گۆرۈگە ئېلىنىپ رۇسىيەگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن 22 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىردىنبىر ئايال ئۇچقۇچىسى شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى نادېژدا ساۋچېنكو، تۈنۈگۈن ئۇكرائىنادا قاماقتا يېتىۋاتقان 2 رۇس ئەسكىرى بىلەن ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.

مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئۇكرائىناغا قايتقان ساۋچېنكو ئايرودۇرۇمىدا بايانات بېرىپ، «ھازىر ئەركىنلىككە ئېرىشتىم، لېكىن دۆلىتىم ئۈچۈن ھاياتىمنى پىدا قىلىشتىن ھەرگىزمۇ قاچمايمەن» دېدى.

ساۋچېنكونى قوبۇل قىلغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، ئۇنى مىللىي قەھرىمان، دەپ تەرىپلەپ، دۆلەت ئوردىنى تەقدىم قىلدى. پوروشېنكو، ساۋچېنكوغا ئوخشاش دونباس ۋە قىرىمنىمۇ رۇسىيەدىن قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ساۋچېنكو سۆز قىلىپ،2014 – يىلى سېنتەبىردە بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدە ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. «تىنچلىق ئورنىتىش مۇمكىن، لېكىن تىنچلىق ئەپسۇسكى ئۇرۇش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ» دېگەن ساۋچېنكو، مىنىسكى كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئارمىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق  تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان مىنىسكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە تولۇق ئىجرا قىلىنالماي كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر